نۇر بەكرى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە سوتلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.25

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى.

خىتاينىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۇر بەكرىنىڭ سوتى 25-ئىيۇل كۈنى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان. بۈگۈنكى سوتتا نۇر بەكرىنىڭ 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن تاكى 2018-يىلى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر 20 يىللىق جەرياندا 79 مىليون يۈەن، يەنى 11 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ «گۇناھىنى» بوينىغا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتقىنىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى نۇر بەكرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى2019-يىلى 16‏-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم خەۋەر ئېلان قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئەمەلدار دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۈزگەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.