نۇر بەكرى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاينىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۇر بەكرىنىڭ سوت ھۆكۈمى 2-دېكابىر كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نۇر بەكرى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە نۇر بەكرىنىڭ سوت ھۆكۈمىگە رازى بولغانلىقى ۋە يۇقىرىغا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتقىنىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى نۇر بەكرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى2019-يىلى 16‏-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم خەۋەر ئېلان قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئارقىدىن، بۇ يىل 7-ئايدا شېنياڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىپ، نۇر بەكرى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. سوتتا ئۇنىڭ 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن تاكى 2018-يىلى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر 20 يىللىق جەرياندا 79 مىليون يۈەن، يەنى 11 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئەمەلدار دەپ قارىلىپ كەلگەن نۇر بەكرىنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا تەنقىدىي پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە ئاتقۇرغان نۇر بەكرىنىڭ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بولسا نۇر بەكرىنىڭ جازالىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۈزگەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىك ماتېرىياللىرىدا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىش جىنايىتى بىلەن ئابدۇرازاق سايىم، يالقۇن روزى ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ھەم زىيالىيلىرىنى قولغا ئالغان ۋە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغانىدى.