ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى رەسمىي قولغا ئېلىندى

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى باشلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. 2-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېتى ۋە خەلق تورى قاتارلىقلار بىردەك، نۇر بەكرى ئۈستىدىن «پارا ئېلىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش قارارىنى چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ يىل 57 ياشلىق نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. تاكى بۇ يىل 16-مارتقىچە خىتاي دائىرىلىرى نۇر بەكرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 16‏-مارت كۈنى نۇر بەكرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەپتىش ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، شامالغا قارشى يول تۇتقانلىقى، ھەشەمەتلىك زىياپەتلەرگە چاقىرسا بارغانلىقى، سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى، ئىسراپخورلۇق قىلغانلىقى، ئەخلاقىي چىرىكلەشكەنلىكى ۋە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىغانلىقى. . . . . . .» قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىراق، خوڭكوڭدىكى بەزى تاراتقۇلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۈزگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىك كىتاب تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ، دەرسلىك كىتابلىرىدا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، دەرسلىك كىتاب مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئەمەلدار، دەپ قارىلىپ كەلگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا نۇر بەكرىنىڭ ئېغىر جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرىنىڭ جازاغا تارتىلىشى خىتايدا ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.