ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى نۇرى تۈركەلنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇردى

10-ئاينىڭ 30-ۋە 31-كۈنلىرىدە توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنياۋى پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، «ياپونىيە رادىيو شىركىتى» تورى 21-نويابىر كۈنى 12 مىنۇتلۇق بىر ۋىدىيو تارقىتىپ، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنى، ئۇنىڭ كەچمىشلىرى ۋە كۈرەش غايىلىرىنى تونۇشتۇرغان. شۇنداقلا نۇرى تۈركەلنىڭ سۆزى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تارىختىن بېرى زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەمدە بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئاڭلاتقان.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» ماۋزۇلۇق بۇ ۋىدىيونىڭ ئالدىنقى قىسمىدا توكيودا ئېچىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنياۋى پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان. ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئۇيغۇرلار شۇ دەۋردىن بېرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەشەددىي باستۇرۇش ھەرىكىتى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ۋىدىيودا نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70-يىللاردىلا «قايتا تەربىيەلەش ئورنى» ، «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى» دېگەندەك لاگېرلارنى قۇرۇپ، خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھازىر تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە زامانىۋى شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇنى دەرھال پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ھازىرغىچە بۇنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىز شەكىلدە باستۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دەيدۇ: «مەن 1995-يىل خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئاران 11 ئاي بىللە تۇرالىغان. يەتتە ياشلىق ئوغلۇم مېنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندە دادام-ئاناملار بىلەن چۈشكەن سۈرىتىمنى كۆرسىتىپ، ‹ئۇلار كىم؟ › دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ‹ئۇلار سېنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭ› دېدىم. ئۇ: ‹ئەمىسە مەن ئۇلارنى نېمىشقا كۆرەلمەيمەن؟ › دەپ سورىدى، مەن جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. ئاندىن ئۇ ‹سەن قاچان بىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇرىسەن؟ › دەپ سورىدى. كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى. لېكىن مەن يېشىمنى سۈرتۈۋېتىپ خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. چۈنكى مەن بۇ خىزمەتنىڭ—ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئىشىنىمەن» .