جەسۇر ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 3-قېتىم قاماقتا ئىكەنلىكى بايقالماقتا

يەتتە ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي قاراقچى ۋە ئۆزىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغان ئۇچتۇرپان ساقچىلىرى ئۈستىدە ئەرز قىلىۋاتقان ئەرزدار نۇرۇنگۈل توختىنىڭ نۆۋەتتە 3-قېتىم قاماقتا ئىكەنلىكى بايقالماقتا.

نۇرۇنگۈل توختى قانۇنسىز ئەرز قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2010-يىلى 40 كۈن، 2013- ۋە 2014-يىللىرى 14 ئاي قاماقتا ياتقان ئىدى. ئۇ بۇلتۇر قويۇۋېتىلگەندە ئەرزنى توختىتىشقا ۋە ئۇچتۇرپاندىن سىرتقا چىقماسلىققا بۇيرۇلغان. ئەمما ئۇ تىرىكچىلىك ۋە بالىسىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجى بىلەن بۇلتۇر 3-ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن. بىر مەھەل مەلۇم بىر تېز تاماقخانىدا ئىشلىگەن نۇرۇنگۈل توختى بىر يۇرتدىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇلتۇر 5-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلار تاماقخانىسىدا ئىشقا چۈشكەن.

ئۇ مەزكۇر ئاشخانىدا ئىشقا چۈشۈپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دوستلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋە تېلېفونى توختىغان. مۇخبىرىمىز ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرۇنگۈل توختىنىڭ تاۋابىئاتىغا تېلېفون قىلغىنىدا ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ۋە قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئەنسىز ھالدا قويۇۋەتكەن. نۇرۇنگۈلنىڭ تېلېفونى توختىغان ۋە دوستلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن كۈن 5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ، 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.