«نيۇ - يورك - يوركېر» تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە نيۇ - يوركتىكى «رۇبىن گۈزەل سەنئەت موزىيى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مازار - ماشايىخلىرى خاتىرىلىگەن بىر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلماقتا.
كۆرگەزمە نيۇ - يوركتا ياشايدىغان فوتوگراف لىسا رۇس ئۇيغۇر رايوندىكى تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى زاراتگاھلاردىن تارتىپ ئەكەلگەن فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدا ئېچىلغان. كۆرگەزمىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە ئېچىلىدىكەن.
«نيۇ - يوركېر» دا كۆرگەزمىگە بېرىلگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى، بۇ رايوندا زور مىقداردا تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
كۆرگەزمە ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فوتوگراف لىسا رۇس يۇقىرىقى كۆرگەزمىسى ئاساسىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» ناملىق بىر پارچە كىتابىنىمۇ نەشر قىلدۇرغان.
