پرېزىدېنت ئوباما بىلەن دالاي لاما ۋاشىنگتوندىكى تىلاۋەت ناشتىلىقىدا بىر يەرگە جەم بولدى

پرېىزدېنت ئوباما بىلەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تىلاۋەت ناشتىلىقىغا قاتناشتى. گەرچە ئىككى تەرەپ يۈز تۇرانە ئۇچراشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئوباما تىلاۋەت ناشتىلىقىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا دالاي لامانى «قەددىناس دوسدۇم» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، «دالاي لاما مېھرى -شەپقەتنىڭ ئۈلگىسى، ئۇ بىزنى بارلىق كىشىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى» دېدى.

پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىللىق تىلاۋەت ناشتىلىقىدا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر قېتىم خىتاي رەھبەرلىرىگە «ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا، جۈملىدىن خرىستىئانلار، تىبەتلەر، بۇددىستلار ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقىغا ئەمەل قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئەسكەرتىپ كەلدىم» دېگەن ئىدى.

بىراق دالاي لامانىڭ بۇ يىللىق تىلاۋەت ناشتىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، «بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ تىبەتكە ئالاقىدار ئىشلاردىكى ۋەدىسىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشىنى، ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بىراق ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېل، «پرېزىدېنت دالاي لامانىڭ تەرغىباتى، تىبەتنىڭ يېتۈك دىنىي، مەدەنىيەت، تىل ئەنئەنىسىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ ئوچۇق -ئاشكارا ئۇچۇرۇشىش-ئۇچراشماسلىقى ئېنىق ئەمەس.