ئاقساراي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ، بۇ دۆلەتتىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست سۈرىيەگە ئەۋەتىشى تەستىقلانغان 50 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ شىمالىي سۈرىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىرىش ياسالغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ نۆۋەت سۈرىيەگە ئەۋەتىلىدىغان قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
NBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يەنە تۈركىيەنىڭ ئەنجۈرلۈك ھەربىي بازىرىدىكى ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىدىكەن ۋە شىمالىي ئىراققا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئىراقنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشلىرىغا ھەمدەمدە بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئىلگىرى ئىراققا 4 مىڭغا يېقىن ھەربىي خادىم ئەۋەتكەن ۋە بۇلار بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشمىسىمۇ، ئىراق ئەسكەرلىرىگە مەسلىھەت بېرىش قارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيە توقۇنۇشىدا ھۆكۈمەتكە قارىشى مۆتىدىل كۈچلەرنى ھەربىي ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەگە ھەربىي خادىم ئەۋەتىپ باقمىغان ئىدى.