ئوباما ئۇكراائىنانىڭ رۇسپەرەس كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يېڭى سايلانغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتىغا ئۇكراائىنانىڭ رۇسپەرەس كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پرېزىدېنت ئوباما ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن ۋارشاۋادا ئايرىم ئۇچراشقاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خەلقى ئۇكرائىن خەلقنى قوللاشنى پەقەت بىر نەچچە كۈنلا ئەمەس، بەلكى ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئوباما يەنە ئۇكراائىناغا 5 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياردەم ئەسلىھەلىرى ئوق ئۆتمەس كىيىم، ھەربىي ئالاقە ئەسۋابلىرى ۋە كېچىدە كۆرىدىغان دۇربۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قورال - ياراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

پوروشېنكو ئۇكراائىنادىكى مىلياردېرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان. ئۇ شەنبە كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.

ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇكراائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا رۇسپەرەس كۈچلەر دۇنيېتسكى قاتارلىق رايونلارنى ئىگىلىۋېلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

ئۇكرائىن ئارمىيىسى مەزكۇر رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى قوزغاپ بىر قىسىم جايلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.