يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە تەڭلا ئېچىلىشقا باشلىغان «ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېت» لار خىتاي ئاخباراتلىرىدا بەس-بەستە «يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ» قۇرۇلۇشىنىڭ نەمۇنىلىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئالتاي، قۇمۇل، بورتالا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە شۇ جاينىڭ نامىدا ئاتالغان «ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېت» لار قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە يوپۇق ئېچىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا شۇ جاينىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى تولۇق قاتناشقان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېتلار» ئىلگىرى ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. كېيىنكى قەدەمدە ھەرقايسى ناھىيەلەردە بۇنىڭ تارماق مەكتەپلىرى قۇرۇلىدىكەن. قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئۇقتۇرۇشىدا «قۇمۇل ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاداققىچە ئۆگىنىشنى قىبلىنامە قىلغان، تور بىلەن مائارىپ بىرلەشكەن يېڭىچە ئالىي مەكتەپ» دېيىلىدۇ.
خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ بەرگەنلىكى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ ھالنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ خىلدىكى «ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېتلار» غا قويۇلغان «ئوچۇق» دېگەن سۈپەت سۆزىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يەنە قانداق مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە بىرنەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مۇدھىشقا تولغان لاگېرلارنى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى› دېگەن چىرايلىق نامدا ئاتىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە يېڭىدىن نام قويۇلغان بۇ مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ‹قايتا قۇرۇش› قۇرۇلۇشىغا قانداق خىزمەت قىلىشىغا بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دېدى.