قەشقەر شەھىرىدە 2016-يىلى 8-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، «سوراق جەريانى» دا ئۆلۈپ كەتكەن 26 ياشلىق ئوغلىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
فېيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياردەمچى ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان ياسىننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوغلى زاھىرجان 2016-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئىككى خادىمى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. زاھىرجان تۇرسۇن ئەينى ۋاقىتتا «نوپۇس جەدۋىلىنى توشقۇزىدىغان ئىش بار» دېگەن سەۋەب بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن.
تۇرسۇنجان ياسىننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئەرزىدىن قارىغاندا، زاھىرجان تۇرسۇن تۇتۇپ كېتىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئانىسى قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتىگە ئوغلىنى ئىزدەپ بارغان ۋە شۇ يەردە يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغان. زاھىرجان تۇرسۇننىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ خادىملىرى تۇرسۇنجان ياسىننى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ «سوراق جەريانى» دا ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
تۇرسۇنجان ياسىننىڭ ئەرزىدە بايان قىلىنىشىچە، ئوغلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ دۆلەت ئامانلىق قوغداش ساقچىسى تۇردىھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئوغلىنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى» نى سورىغان. تۇردىھاجى «ھېچقانداق جىنايىتى يوق» لىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەقەت تەكشۈرۈۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. لېكىن دائىرىلەر 30-ئاۋغۇست كۈنى تۇرسۇنجان ياسىننى تۇيۇقسىز شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئوغلىنىڭ «سوراق جەريانى» دا ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. دائىرىلەر يەنە جەسەتنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرمەيدىغانلىقىنى، بىراق «ئىنسانپەرۋەرلىك» نى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈۋېلىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن تۇرسۇنجان ياسىن قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان. ئۇ ئەرزىدە ئوغلىنىڭ قانداق «جىنايەت» سادىر قىلغانلىقى، جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە كۆرسىتىلمىگەنلىكى، سوتنىڭ مەھكىمىسىنىڭ قارارى يوق تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ جەسىتى نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە شەخسى بىخەتەرلىكىنىڭ قانچىلىك ئېغىر خەۋپكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.