دورىگەر مەمەتئابلا ئەمەتنىياز جىنايەت ئۆگىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق كېسىلگەن

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قاغىلىق ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئائىت بىر جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى 29 ياشلىق دورىگەر مەمەتئابلا ئەمەتنىياز ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى قولغا ئېلىنىپ 24 ‏-دېكابىر ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمەتئابلا ئەمەتنىياز دورا دۇكىنىدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» ۋە «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى، جۈملىدىن مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە غازات چاقىرىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلىرىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، «جىنايەت ئۆگىتىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ھۆكۈمنامىدە مەزكۇر تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئارىسىدا «بىز بۇ زېمىندا ياشاۋاتقىلى 10 مىڭ يىل بولغىنىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز، شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتايلار بىزنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ نەدىن كەلدىڭ دەپ سورىشىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش «سەزگۈر سىياسىي گەپلەر» بارلىقى ئەسكەرتىلگەن

ھۆكۈمنامىدە يەنە، مەمەتئابلانىڭ مەزكۇر تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا يۈسۈپنىڭ قولىدىن ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما مۇسا يۈسۈپنىڭ كىملىكى، قاچان، قايسى ۋەقەگە چېتىلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.