ئوخايودا 3 قىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، 10 يىل جىنسىي قۇل قىلغان جىنايەت گۇماندارى بۇ ئاياللاردىن بولغان ھامىلىلەرنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئوخايو شتاتى كلېۋېلاند شەھىرىدە 3 قىزنى بۇلاپ كېلىپ يەر ئاستى ئۆيىگە قامىۋالغان ئارىيېل كاستور ئىسىملىك جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن ئىدى.
دائىرىلەر بۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ 10 يىل جەريانىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قالسا بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى دەلىللەنسە ئۇنىڭغا ئادەم ئولتۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.
ئارىيېل كاستورغا يەنە، باسقۇنچىلىق ۋە ئادەم بۇلاش جىنايىتى ئارتىلغان ئىدى.
گۇماندارىنىڭ ئۆيىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان بۇ قىزلار ئۆز ئائىلىسى بىلەن سالامەت جەم بولۇشتى.
بۇ خەۋەر نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئاخباراتىدا ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
