خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋلىجيەن ئامېرىكانى خىتاي ساھىبخانلىق قىلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
يېقىندا ئامېرىكانىڭ شېرىك دۆلەتلەر بىلەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىشنى سۆزلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققاندىن كېيىن، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جېن پساكى 7-ئاپرىل كۈنىدىكى باياناتىدا بۇنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇ: «بىز ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەر بىلەن بولغان ھەر قانداق بىرلەشمە بايقۇتنى مۇزاكىرە قىلمىدۇق ۋە مۇزاكىرە قىلمايمىز،» دېگەن.
بىراق خىتاي بۇنىڭغا قارىماي ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلسا، بۇنىڭغا «ئىنتايىن كۈچلۈك» ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ختىاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن شۇ كۈنكى باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىمۇ رەت قىلغان ۋە «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ روھىغا ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ. ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئولىمپىك ۋە مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. ئامېرىكا ئولىمپىك ۋە مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى سۇسان لىيونس بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالماسلىق بىلەن بىرگە، تەنھەرىكەتچىلەرگە پاسسپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۇسان ليونس يەنە «خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق مەسىلىلەرنى ياش تەنھەرىكەتچىلەر ئەمەس، بەلكى دىپلوماتلار ۋە سودا ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياخشى ھەل قىلالايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۈگۈن تىۋىتتېر ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بايقۇت قىلىشتىك مەقسەت خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى توغرا بولغاننى قىلىشتۇر،» دېگەن.
چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ «ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ۋە بىرلىك» نىڭ سىموۋلى بولغان ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى زور خاتالىق، دەپ قاراپ، ئەينى ۋاقىتتا ناتسېستلار ھاكىمىيىىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت بېرىشـتەك تارىخىي خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىشماقتا.