ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ئۆزىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارماسلىقى مۇمكىنلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا زور سەزگۈرلۈك بارلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دومىنىك رابنىڭ سۆزى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، باشقىلارغا يول ئېچىشى مۇمكىن بولغان بىر سىگنال ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دومىنىك راب 29-ئىيۇل ئەنگلىيە «Sky» (ئاسمان) تېلېۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا «بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى گۇمانلىق» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەم «مېنىڭچە بېرىشىم مۇمكىندەك قىلمايدۇ» دېگەن. بىراق ئۇ يەنە ئەنگلىيە تەنتەربىيەنى بەك سىياسىيلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئەنگلىيەدىكى سىياسەتچىلەر قارار قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە، شىنجاڭغا ئالاقىدار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە زور سەزگۈرلۈك بار. بىزنىڭ سىياسىي-دىپلوماتىك جەھەتتىكى ۋەكىللىك دەرىجىمىزنى ۋاقتى كەلگەندە قارار قىلىمىز».
بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان بىر گۇرۇپپا ئەزاسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كېچىكتۈرۈشنى، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشنى توختاتمىسا، باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش «مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.