بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ساھىبخانلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقماقتا. 23-ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زاپاس باش كاتىپى»، ب د ت دىكى باش كاتىپ ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپتىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار دېيۋىد كراين ۋە ئىككى نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدا بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئوبزوردا ئۇلار ئالاھىدە قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭ رايونىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى مىسال قىلىپ: «ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنىڭ ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانىي سىناق مەزگىلى يېتىپ كەلدى،» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورچىلار» دەپ قارىلىۋاتقان تالىبانلار ھاكىمىيىتى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئاپتورلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلىمىگەن رېئاللىقنى مىسال قىلىش ئارقىلىق شۇنچە ئاشكارا ھالدا «ئارىيانلار ئالىي ئىرق» دېگەن نەزەرىيىنى بازارغا سېلىۋاتقان ھەمدە قىرغىنچىلىقنى باشلاپ بولغان ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئاقىۋەتتە مىليونلىغان يەھۇدىنىڭ بېشىغا چىققانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خۇددى مۇشۇ مەزمۇندىكى تەشۋىقاتلارنى ئاشكارا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئ‍ولىمپىك روھىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بولغان «بارچە خەلقنى بىر مەيدانغا جەم قىلىش» دېگەن ماددىغا ئېغىر خىلاپ ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ بەرگەن. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولغان. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زۇلۇملىرى ناھايىتى تېزلا بۈگۈنكىدەك يۇقۇرى چەككە يەتكەن.

ئۇلار ئاخىرىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ۋەكىل ئەۋەتمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.