2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش خەلقئارا ھەركىتىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئافېنادا تۇتقۇن قىلىنغان

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھارپىسىدا، گرېتسىيە پايتەختى ئافېنا شەھىرىدىكى ئولىمپىك تېغى-ئاكروپولىستا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «ئ‍ىككى يۈزلىمىچىلىكى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى بىلەن بىر تىبەت پائالىيەتچى تۇتقۇن قىلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرى 18، يەنە بىرسى 22 ياشلىق ئامېرىكا گراژدانى بولغان بۇ ئىككى پائالىيەتچى ئاكروپولىستا تىبەت ۋە خوڭكوڭ بايراقلىرىنى چىقىرىپ، «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى»، «ئەركىنلىك بولمىسا، مۇسابىقىمۇ يوق» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.

مەيدانغا يېتىپ كەلگەن گرېتسىيەلىك ساقچىلار پائالىيەتچىلەرنىڭ بايراقلىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن، بىراق «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇنلار 18-ئۆكتەبىر كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئولىمپىك تېغىدىكى ئاكروپولىس قەدىمىي شاھەر خارابىسىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك دائىرىلىرىغا ئ‍ۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

ئ‍ولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ياكى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئەۋج ئالغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ چاقىرىقلارنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەشئەل يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئافېنادا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك مەشئېلىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىكى» نى ئەيىبلەيدىكەن.