ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر تەنھەرىكەتچىلەرنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان

22-دېكابىر چارشەنبە كۈنى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى خىتاي ساھىبخانلىق قىلىدىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

ئۇلار ئولىمپىككە تەييارلىنىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرگە ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە تەنھەرىكەتچىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئەلۋەتتە، بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىلەردە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۇلاردىن مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىش بىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قېيىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھاياتنى خەلقىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆلۈم دېيىش مۇبالىغە ئەمەس. بىز سىزنىڭ ئۆز مەيدانىڭىزنى ئىپادىلەپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشىڭىزنى مۇراجىئەت قىلىمىز. سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزگە، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋە بىزنىڭ خەلقىمىزگە زور ئۈمىد بەخش ئېتىدۇ. ئۇ ھەم باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگىمۇ ئۈلگە بولىدۇ.»

يۇقىرىقى ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق ۋەكىللەر يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى تاللىغانلىقى ۋە شۇنچە چاقىرىقلارغا قارىماي بۇ قارارىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن:

«2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە سىزگە ۋەدە قىلىنغان ئۇ پۇرسەت ئەمەس ئىدى. توماس باخ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سىزنى كىشىلىك ھوقۇقنى تاللاش ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مۇسابىقىدە رىقابەتلىشىشتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.»

مەزكۇر ئوچۇق خەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن، خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى فىرانچىس خۇي ۋە تىبەت پائالىيەتچىسى چېمى لامو قاتارلىقلار ئىمزالىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، كانادا، ئاۋستىرالىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش قارار ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىندا بۇنىڭغا يەنە بېلگىيە ۋە ئاۋسترىيەمۇ قوشۇلغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نۆۋەتتە مەزكۇر ئولىمپىكنى كەڭ كۆلەمدە بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.