كىملەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلالايدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.29

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ھەر خىل شەكىلدە ئاۋاز قوشىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى.

28-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ھەممىلا كىشى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلسا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەممىلا كىشىنىڭ شۇنداق قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ زور زۇلۇم ساھىبى بولغان بىر ھۆكۈمەت ساھىبخانلىق قىلماقچى بولغان بۇنداق بىر مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش ھەممىلا ئامېرىكالىق قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ سودا تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان NBC تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتقاندا، بۇنى كۆرمەسلىك ئىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «سىز مۇشۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك بىرەر پارچە كىتابنى ئوقۇشقا ياكى سەيلە قىلىشقا ئاجرىتىڭ. بۇ ئەلۋەتتە NBC ئېكرانىدىن مۇسابىقە كۆرگەندىن كۆپ ئەۋزەل» دېگەن. چۈنكى NBC تېلېۋىزىيەسى كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدىكى ئالتە قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 7. 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇل تۆلىگەن ئىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پارىخورلۇق ۋە تۈرلۈك رەزىللىكلەرگە سۈكۈت قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى بايان قىلىپ: «بۇنداق بىر مۇسابىقىنى شەخسلەرنىڭ بايقۇت قىلماسلىقى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شېرىكلەشكەنلىككە باراۋەر بولۇپ قالىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.