خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئولتۇراق رايون نازارەتچىلىكى» تەنقىدلەندى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى «جىنايي ئىشلار قانۇنى» نى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلارغا خالىغان كىشىنى قولغا ئېلىش ھەمدە قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان ھالدا ئالتە ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ئىمتىيازىنى بەرگەن. نەتىجىدە ھازىرغىچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۆكتىچىلەر ياكى چەت ئەللىكلەر بولۇپ 27 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەن «ئولتۇراق رايون نازارەتچىلىكى» گە مەھكۇم بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ۋە كانادا پۇقرالىرى، شۇنىڭدەك خىتاي پۇقرالىرى بار ئىكەن.

«ئەل جەزىرە» نىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى توپلىغان «مۇھاپىزەتچى نەۋكەرلەر» جەمئىيىتى بۇ ساننىڭ ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارغا بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ھەمدە ئاشۇ مۇئەسسەسەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر بولسا بۇ ھادىسىنى كەسكىن ئەيىبلىگەن.

ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى قولغا ئېلىنغان كىشىلەر ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن، ئەمما ئورنى مەخپىي بولغان «ئولتۇراق رايون» دا رېجىم ئاستىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ خانىلىرىدىكى چىراق ئۆچۈرۈلمەيدىغان بولۇپ ئۇيقۇسىزلىق، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش، تەن جازاسى، مەجبۇرىي توۋا قىلدۇرۇش دېگەنلەر بۇ خىل «ئولتۇراق رايون» لاردىكى دائىملىق ھادىسىلەر ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىسى ئەي ۋېيۋېي، شۇنىڭدەك جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى مايلىك سپاۋور قاتارلىقلار ئەنە شۇ خىل «مۇئەسسەسەلەرنىڭ پۇقرالىرى» بولغانلار ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ خىل چارىلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى قانۇنلارغا خىلاپ بولسىمۇ بۇ ھادىسىلەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھالنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «بۇ سانلار ئەمەلىيەتتە ‹مۇز تاغنىڭ كۆرۈنۈپ قالغان چوققىسى› بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل رېجىمغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانى بۇنىڭدىن بەكلا كۆپ،» دېگەن.