خىتاي ئۆلۈم جازاسى، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئاقلىدى

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئىشخانىسى 14-ماي كۈنى «2012-يىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1991-يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 10-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى ئېشىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى قاتارلىقلار كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10-قېتىملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئاقلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ئېلان قىلغان، خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ھەم ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان تىل-مەدەنىيەت، ئېتىقاد كونتروللۇقى ھەققىدىكى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.