خىتاينىڭ 9 تۈرلۈك جىنايەت بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى گۇمان قوزغىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش بويىچە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بىر تۈزىتىلگەن لايىھىسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان.

ئۇنىڭدا بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئەتكەسچىلىكى، ساختا پۇل ياساش ھەمدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 56 خىل جىنايەت بويىچە ئۆلۈم جازاسى يولغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ تاشلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ئەللەردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

باش شتابى سان فرانسىسكودىكى «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013-يىلى خىتايدا 2400 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ھالبۇكى، بۇ سان پەقەتلا دائىرىلەر ئېلان قىلغان سان بولۇپ، يەنە قانچىلىك سىياسىي مەھبۇسنىڭ مەخپىي ئېتىلغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى باشتىن-ئاخىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، بەلكى خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.