«يېڭى تاڭلىقلار» تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە تۈنۈگۈن خىتايدىكى 10 نەپەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 نەپەر ئۇيغۇر خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن 10 ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان.
بۇ ئون نەپەر ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 119 ياش بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
قەشقەردە ياشىغۇچى يەنە بىر ئۆمۈر چولپىنى تۇراپ ئەمەت 121 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. 120 ياشلىق ياقۇپ قاسىم ئۈچىنچى ئورۇننى ئالغان. بۇ يىل 118 ياشقا كىرگەن يولداش يولۋاس بىلەن تۇنىساخان ئېلى ئىككىيلەن 6-ۋە 7-ئورۇنغا تىزىلغان.
5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى 10 چوڭ ئۆمۈر چولپىنى تىزىمىغا كىرىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتىكەن. يېشى 118 ياشتىن يۇقىرى بولغان بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى تېخىچە ساغلام بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدىكەن.