ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدىكەن

ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق رەقەمگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 76 مىڭ 966 نەپەرگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ زور «ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلار قوشۇنى» بارلىققا كەلگەن.

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭمۇ بىرى ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى، ئادەم كۆپ، ئىش ئورنى ئاز بولۇشتەك ئەھۋالنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى سىياسىي ئامىللارغا باغلىق، دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە مىليونلاپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەشنى توختاتقان ۋە ئىش بازىرىدا مىللىي ئايرىمىچىلىق قىلماي، ئادىل رىقابەتنى يولغا قويغان تەقدىردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ بىر قەدەر ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىپ، ئىش بازىرىدىمۇ ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا چەتكە قېقىۋاتقانلىقى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.