ئۆركەش دۆلەتنىڭ خوڭكوڭغا كېلىپ، ئۆزىنى قولغا ئالدۇرۇش تەلىپى رەت قىلىندى

1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت 25-نويابىر كۈنى يەنە بىر قېتىم خوڭكوڭغا كېلىپ، خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆركەش دۆلەت تەيۋەندىن خوڭكوڭ ئايرودرومىغا چۈشۈپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز دېلوسىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قولغا ئېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، خىتاي چېگرا ئۆتكىلى دائىرىلىرى تۆت سائەتچە ۋاقىت تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چېگرىدىن كىرگۈزمەي تەيۋەنگە قايتۇرۇۋەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆركەش دۆلەت بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۆرمىگىلى 24 يىل بولغان ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چەتكە چىقىپ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان ئىكەن.

ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر مەزگىل يۈرگەندىن كېيىن تەيۋەنگە كېتىپ يەرلەشكەن ئىدى. ئۇ، ئىلگىرى بىر قېتىم خىتاي تەرەپتىن ئۆزىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش ۋە ئۆزىنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق، خىتاي ئۇنداق قىلىشنى رەت قىلغان.