ئۆركەش دۆلەت «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئۆزىگە قىلغان ھاقارىتىگە رەددىيە بەرگەن


ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى «يەر شارى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن باشقا بىر تەخەللۇس بىلەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۆركەش دۆلەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۆركەش دۆلەتنىڭ تەيۋەن قانۇن پالاتاسىغا ئەزا بولۇش سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغانلىقى بىر «كۈلكىلىك ئىش» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆركەش قاتارلىقلار 1989 - يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى» ۋە ئاتالمىش «چەتئەللەردىكى جۇڭگو سىياسىي سەرگەردانلىرى» دېگەن نامنى دەسمايە قىلىپ، تەيۋەندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا، دېگەن.

ئۆركەش دۆلەت بۇ ھەقتە ب ب س نىڭ خىتاي بۆلۈمىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «"يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى، خالاس. ئۇنىڭدىكى مەن توغرىلىق يېزىلغان تەنقىدنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەن.

مەلۇمكى، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا مۇنبىرىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەر، دەن رېنپىڭ دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلىتىپ ئۆركەش دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان مەزكۇر ماقالە ھەرگىزمۇ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىننىڭ شەخسىي قارىشى ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورساق كۆپىكىدۇر، دەپ قارىماقتا.