ئورلاندو كەچلىك كۇلۇبى ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى يەنىلا ئېنىقلانماقتا


ئورلاندو كەچلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان گۇماندارنىڭ 29 ياشلىق ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئافغان نەسىللىك ئۆمەر مەتىن ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋەقەنى سادىر قىلىشتىكى مەقسىتى تېخى ئايدىڭلاشمىدى. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆمەر مەتىننىڭ دادىسى سىدىق مەتىن، ۋەقەنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ داڭ قېتىپ قالغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ ۋەقە سادىر قىلىشتىكى مەقسىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ ۋەقەنىڭ دىن يەنى ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ن ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆمەر مەتىننىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى ئۆزبېكىستانلىق بولۇپ، ئۇ سابىق ئېرىنىڭ ئاچچىقى يامان كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇمۇ ۋەقەدە دىننىڭ رولى بار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئۆمەر مېتىن ئىلگىرى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن، ئەمما ئەندىشىىلىنەرلىك پاكىت بايقالمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەن. خەۋەرلەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بەزى تەرەپدارلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەقەنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر جەڭچىسى سادىر قىلغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۆمەر مەتىننىڭ خەلقئارا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن تەشكىلىي ئالاقسى بايقالمىغان.