ئۇيغۇر رايونىدا «دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش» تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مۇھىت ھازىرلاش ھەرىكىتى بولۇپ قالغان

ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى كۆپلەپ قېزىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، ئىھاتە ئورماننى يوق قىلىپ بوز يەر ئېچىپ، قۇم كۆچۈشنى ئېغىرلاشتۇرغان خىتاي دائىرىلىرى ئەمدى ئۇيغۇر رايونىنى تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش» سەپەرۋەرلىكىنى باشلىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتايدىكى «كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرپان، خوتەن قاتارلىق جايلاردا 500 مىڭ مو كۆچەت تىكىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جايلاردىن نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە يەرلىك كادىرلار ئىشقا سېلىنغان.

تۇرپاندا قۇرغاقچىلىق، خوتەندە بولسا قۇم كۆچۈش ئېغىر جايلار بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ ۋىلايەتلەردىكى ئېتىزلارنى ئىھاتە ئورمان بىلەن قوغداش، دەريا-ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىشنى ئەتىيازلىق مەجبۇرىيەتلەردىن بىرى قىلغان. خەۋەردە دېيىلگەن «ۋەيران بولغان ئورمانلارنى، قۇرۇپ كەتكەن دەريالارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دېگەن گەپلەر، بۇ يەردە ئەسلىدە بار بولغان تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا ئىچكىرى خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ ئاھالە كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان ۋە ئېتىبار سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن رايوننىڭ سۇ ۋە ئورمان بايلىقىنى تولۇق كونترول قىلىپ، چوڭ كۆلەمدىكى سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىشقا كىرىشكەنلىكى مەلۇم. كۆچەت تىكىش، ئۇلارنى ئاسراش ۋە پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن يەرلىك خەلقنىڭ ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. مەزكۇر خەۋەردىمۇ، تۇرپان توقسۇندىكى 40 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىش ئۈچۈنلا 60 يېزا كادىرى ۋە نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا سېلىنغانلىقى يېزىلغان.