كۆنچى دەريا ۋادىسىدىكى 290 مىڭ مو يەردىكى ئورمان ۋە يايلاقلار قۇرۇپ كەتتى
2013.05.28
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى توغراق، قېيىن قاتارلىق تەبىئىي ئورمان بەلۋاغلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لوپنۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى كۆنچى دەريا ۋادىسىدىنلا 290 مىڭ مو يەردىكى توغراقلىق ئۇزۇن يىللىق سۇسىز قېلىش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەن. بايىنغولىن ئوبلاستىغا قاراشلىق چوڭ يۇلتۇز يايلىقىنىڭ تەخمىنەن 70% چۆللىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇ جايلاردا چارۋا بېقىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىنى ئىگىلىۋالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى بوغۇپ، بوز يەر ئېچىشى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كان بايلىقلىرىنى زىيادە ئېچىشى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان تارىم، كۆنچى دەريالىرى ۋە لوپنۇر، باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى تەبىئىي توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ، يايلاقلارنىڭ چۆللىشىپ كېتىشى ياكى قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.