ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى سۇ شياڭدوڭ 24-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلىپ، رايوندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشتا «سىياسىي ئېتىراپ قىلىش ۋە خەلقىنىڭ كۆڭۈلدىن قوبۇل قىلىشى مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىش پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى» ئىكەن. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىشنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق بۇ يىغىننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماش، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشكەندىن بېرى 2-قېتىم چاقىرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ، يەرلىك دائىرىلەردىن ئۇنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىشى، «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تېزلىتىشى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا سۇ شياڭدوڭ: «بىز ئورتاقلىقنى كۈچەيتىش يۈزلىنىشىگە قاراپ مېڭىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىشتا چوڭقۇر، ئىچىكە ۋە ئەمىلى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىش› خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئېتىراپ قىلىش ۋە خەلقنىڭ كۆڭۈلدىن قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 12 دەك ئورۇن قاتناشقان.