نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن نىيرولا ئېلىما ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تارتىۋاتقان سورۇقچىلىقلىرىنى توختىماستىن پاش قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى غەرب دۇنياسىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. 21-دېكابىر كۈنى نىيرولانىڭ «نيو-يورك كىشىلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئۇنىڭ لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر چۇقان بولدى.
نىيرولانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجادىكى ئاتا-ئانىسى ھېلىھەم مىليونلارچە ساندا ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئورۇنلاشقان خىتاي كادىرلاردىن بىرنەچچىسىنىڭ نازارىتىدە ياشىماقتا ئىكەن. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغىلى بولمىغاندىن باشقا، ئاتا-ئانىسى پات-پاتلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قونۇپ كېتىدىغان خىتاي كادىرلارنىڭ مالايلىقىنى قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن. بۇ خىتاي كادىرلار ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇلارنى ھەشەم بىلەن كۈتۈشتىن باشقا ئۇلارنىڭ «سىياسىي» جەھەتتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشمۇ نىيرولانىڭ ئاتا-ئانىسىغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ خىتاي كادىرلار ھەر قېتىم كەلگەندە بۇ ئائىلىدە «گۇمانلىق سىياسىي مەسىلىلەر» ياكى «ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامەتلىرى» نىڭ يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈشى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك ۋە گەپ-سۆزلىرىدە ئاشۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى لازىم ئىكەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، نىيرولانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ماھىرە ياقۇپ ئاۋسترالىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا خىتاي بانكىسى ئارقىلىق پۇل ئەۋەتكەن. ئەمما بۇ ئىش كېيىنچە ئۇنىڭ «جىنايىتى» گە ئايلىنىپ ئالتە يېرىم يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ بالىلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاچقان يەسلىگە ئېلىپ كېتىلگەن. گەرچە نىيرولا بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىپ مۇشۇ خىلدىكى قاباھەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە بۇنىڭ ھېچنەرسىگە دال بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ، ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، شۇنىڭدەك مۇشۇ خىلدىكى ماقالىلارنى يېزىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا ئائىت قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. دەرۋەقە، ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئەتىسى خىتاي ساقچىلىرى ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ماھىرە ياقۇپنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۇقتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ غۇلجا ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
نىيرولا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا دۇنيا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانام بولسا ھېلىھەم نەزەربەندتە. ماھىرە ياقۇپ ھازىرمۇ تۈرمىدە. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلالمايدۇ،» دەيدۇ.