ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 19 ئادەمنى « ئۆسەك سۆز تارقىتىش» بىلەن تۇتقۇن قىلغان

لۈكچۈن ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنە تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتقان 19 ئادەم ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، «ئۆسەك سۆز تارقىتىش، ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىندى.

بۇ ھەقتە «بوشۈن» تورى «شىنجاڭ گېزىتى» دىن نەقىل ئالغان بولۇپ، تەكشۈرۈلۈپ تۇتۇلغانلارنىڭ بىر قىسىمى خەنزۇلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ئۆزىنى لۈكچۈندە تۇرۇشلۇق» دەپ ئاتاپ، لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە ئىنكاس يازغان سۇن فامىلىلىك كىشى ۋە باشقىلارمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما، خەۋەردە «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيەلمىگەن.