ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتلىرى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى، بىخەتەرلىك، سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مۇھىت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېررورلۇق ۋە زوراۋان رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىشىدۇر.
پرېزىدېنت بايدېن 20-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يوركتا ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ تارىخىي ئۇچرىشىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىگە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر كونتروللۇقىدا قېلىشتىن ساقلىنىشتا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاقساراينىڭ 21-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسىدە، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتابنامىدە: «بىز ئورتاق رايون بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر ئۇل تېشى سۈپىتىدە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېيىلگەن. خىتابنامىدە يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇداپىئە، قانۇن ئىجرا قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىق، جۈملىدىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، چېگرا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر كۆچۈش، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن پۇقرالارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى قوللاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى قايتا تەكىتلەنگەن. بۇ ئورتاق خىتابنامىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان، رۇسىيە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم مۇستەقىللىقىغا خىرىس قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.