ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا چارىلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ تەدبىرلەر گەرچە خىتاينىڭ تاشقى ئېكسپورتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى داۋاملىق ئاشقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-ماي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 100 توننا مال قاچىلانغان گرۇزىيەنىڭ بىر يۈك ترانسپورت ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن گروزىيەگە قاراپ ئۇچقان. ئۈرۈمچى ئايرودرومنىڭ بۇ يىلقى ئومۇمىي يۇك توشۇش مىقدارى 1000 توننىدىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان ھاۋا قاتناش لىنىيەلىرىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتا، بىشكەك، دۇشەنبە، تاشكەنت، تىبلىس، ئىسلامئاباد، تېھران، باكۇ، ئاستانە، ئاشخابات قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەلىرى ئېچىلغان. بۇ لىنىيەلەردا توشۇلىدىغان مەھسۇلات مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىمۇ تېخىمۇ ئاشقان. شىنخۇا تورىنىڭ 24-ماي خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ھاۋا يولى 3 يىلدىن كىيىن ئەسلىگە كەلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئايرودروملاردا جەمئىي 364 دائىملىق لىنىيە يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 10 خەلقئارالىق يولۇچىلار لىنىيەسى بار ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا يۈك ترانسپورت لىنىيەلىرى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە توشۇلىدىغان يۈك ترانسپورت مىقدارى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقى تۈپەيلى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قانۇن بويىچە ئېمبارگو قويغان ئىدى. بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىغا قاتتىق زەربە بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى خىتايغا تايىنىپ قالغان دۆلەتلەرگە قارىتا مال ئېكسپورت مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىدە تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇۋېلىشقا جىددىي تۇتۇش قىلىشقا باشلىغان.
«ئىقتىساد» ژۇرنىلى قاتارلىق نوپۇزلۇق مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قويغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي تاشقى سودىدىكى بۇ توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.