ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان تور بەت


ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس رۇس تىلىدا ئۇچۇر تارقىتىدىغان تور بەت «ئۇيگۇرتوداي» دا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن ئېلان قىلىنماقتا. ئەنە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بىرى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا دىيارىدىن 19 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى گۈلنارە ۋەلىخانوۋانىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ساقلىنىپ قېلىنغان يەر - جاي ناملىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. ئۇ تەخمىنەن 50 ئەتراپىدىكى يەر جاي ئىسمىنى خاتىرىلىگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ئىسىملار قەشقەر، ئاتۇش ۋە باشقا جايلاردىكى ئىسىملار بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

مەزكۇر تور بەتتە يەنە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى، 19 - ئەسىردىكى رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلىغان جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرگە ئائىت ماتېرىياللىرى ئۈستىدىكى ئانالىز ماقالىلىرىمۇ بېرىلگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار تارقىتىۋاتقان تور بەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ تور بەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەنئەتكە بېغىشلانغان ئىدى. ئەمما، مەزكۇر تور بەت مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سانى تېز كۆپەيمەكتە ئىكەن.