تۇمشۇق شەھىرىدە ئۆيى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئەرزدار تەھدىتكە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 3-دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرىدىكى مەخەت ئىمىننىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر مەخەت ئىمىنگە تۆلەم تۆلەپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە تۈرلۈك تەھدىتلەرنى قىلغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 26-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇربىز تورى مەخەت ئىمىننىڭ ئۆيىنىڭ مەجبۇرىي چېقىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەندىن كېيىن، تۇمشۇق شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچىلار مەخەت ئىمىننى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيى كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار يەنە مەخەت ئىمىنغا تەھدىت ئىشلىتىپ، ئەگەر ئۇ ئۆيى كۆيدۈرۈلگەنلىك ھەققىدىكى رەسىم-ماتېرىياللارنى چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆي مەسىلىسى ھەل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.