بورتالا ئارىشاڭدا ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئاكا-ئۇكىلار توردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

بورتالانىڭ ئارىشاڭ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سالاھىدىن ۋە ئابلەت ئىسىملىك ئاكا-ئۇكىلار بۈگۈن ئۇيغۇربىز تور بېتىدە بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. مۇراجىئەتنامە خىتاي تىلىدا يېزىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان.

مۇراجەتنامىدە بايان قىلىنىشىچە، سالاھىدىننىڭ ئانىسىدىن مىراس قالغان دۇكان ۋە ئولتۇراق ئويدىن تەشكىللەنگەن 139 كۋادرات مېتىرلىق قورۇسى ئۆتكەن ئاينىڭ 6-كۈنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. ئەسلىدە دائىرىلەر بۇ ئائىلىگە بىر يىل ئاۋۋال، ئوي ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ چاغدا دائىرىلەر سالاھىدىن ئائىلىسىگە بىر يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي ۋە بىر دۇكان بېرىدىغان بولۇپ ئىككى تەرەپ ئاغزاكى كېلىشكەن. ئەمما بۇ يىلغا كەلگەندە دائىرىلەر ۋەدىسىدىن يېنىپ چېقىلغان ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا 950 يۈەندىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ ھۆججەت چۈشۈرگەن.

سالاھىدىن ئائىلىسى بۇ تۆلەمگە رازى بولمىغان. دائىرىلەر مەزكۇر ئائىلىنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنىڭ ئۆيىنى چاققان؛ ئائىلە ئەزالىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۆي چاققۇچى ياللانما خادىملار سالاھىدىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان؛ ئارقىدىن يەنە سالاھىدىنغا 5 كۈنلۈك قاماق جازاسى، ئايالىغا مەمۇرىي جازا بەرگەن ۋە قىزىنى 3 سائەت ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرغان.

سالاھىدىن ۋە ئابلەت ئاكا-ئۇكىلار بۈگۈنكى مۇراجەتنامىسىدە، چېقىۋېتىلگەن قورۇسىنىڭ ھايات يولىنىڭ بىردىن- بىر كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنى ئادالەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلغان ۋە بۇ ۋەقەدە تارتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى زىيىنىنى دەرھال تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.