ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆي چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئاچا - سىڭىل ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 22 - ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاقسۇ شەھىرىدىكى خالىدە ۋە زۇلپىيە ئىسىملىك ئاچا - سىڭىل دادىسىدىن مىراس قالغان تۇرالغۇ ئۆيى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۆي چېقىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقەنى كۆرگۈچى ئامما تور بېكەتلىرىدە بۇ ئەھۋالغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى يېزىپ، دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل يولسىزلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەھەللىلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، نارازىلىق قىلغانلار ھەر خىل زوراۋانلىقلارغا ئۇچرىغان.

13 - ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېلى قۇددۇس چېقىۋېتىلگەن ئۆيى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، ئۆي چېقىشقا قاتناشقان خىتاي شىركىتىنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2 - دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىدى.