ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىنى ئوڭشىشىغا ئۇزۇن يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

«GROW» ناملىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى خاۋ خوڭنىڭ CNBC تېلىۋىزىيەسى مۇخبىرىغا دېيىشىچە، «خىتايدا ھازىر زاپاس بار بولغان قۇرۇق ئۆيلەرنى سېتىپ بولۇشقا تەخمىنەن ئىككى يىلچە ۋاقىت كەتسە، قۇرۇلۇشى تېخى داۋام قىلىۋاتقان تۇرالغۇ ئۆي زاپىسىنى سېتىپ بولۇشقا 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنكەن.»

خىتايدا بىر مەھەل قاتتىق گۈللەنگەن ئۆي-مۈلۈك سودىسى 2020-يىلدىن باشلاپ كاساتچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرى شىددەت بىلەن قەرز كرىزىسىغا پېتىپ قالغان. ئىقتىسادشۇناس خاۋ خوڭ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇ ساھەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشى خىتايدا چەت ئەل مەبلىغىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشى، ئىستېمالنىڭ كاساتلىشىشى ۋە نەتىجىدە ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت زەنجىرسىمان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

BBC رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، نۇرغۇن ياشلار ئوقۇغان كەسپىگە لايىق خىزمەت تاپالمايدىغان، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ جان باقىدىغان ياكى كەسپى ۋە ئۇنۋانىغا ماس كەلمەيدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشتەك ۋەزىيەتكە دۇچار بولغان.

ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2023-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇقى ئىشسىز بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پروفېسسورى شياڭ بياۋ BBC غا قىلغان سۆزىدە «خىتايدىكى ياشلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى تىرىشىپ ئوقۇسا، تىرىشىپ ئىشلىسە، ئاندىن ياخشى مائاشلىق خىزمەتكە ۋە تۇرمۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان، بىراق ئۇلار بۇ ۋەدىنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى» دېگەن.

خەۋەردە دېيىشىچە، خىتايدىكى ياشلار يۈزلىشىۋاتقان كىرىزىس خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەشەببۇسىدىكى «خىتاي چۈشى» گە جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتىكەن.