خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى داۋاملىق چۈشمەكتىكەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئۆكتەبىر ئېيىدا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ ھالنىڭ 2021-يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ھادىسە ئىكەنلىكىنى جانلىق نامايەن قىلىپ بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى غول تۈۋرۈك، دەپ قارىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ بۇ يوسۇندا تۆۋەنلەپ مېڭىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قاتار تەدبىرلەر بولغان. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى چېن ۋېنجىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سانلىق مەلۇماتلار بۇ خىل چېكىنىشنىڭ خىتايدىكى 100 شەھەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى ۋە كونا ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆي سېتىش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىشى 50 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان.

«ئەل جەزىرە» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى يۇقۇم تەدبىرلىرى داۋام قىلسا، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد يوق» دېيىلگەن.