مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى يەنى جۈمە كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزا 7-كەنتىدە ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ئۆي ئىگىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كەنت كادىرلىرى، باشلىقلىرى ۋە ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، مەلۇم بىر ئۆيگە كىرگەندە سىرتتىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولغان بىر كىشىنى بايقىغان ۋە ئۇنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، گۇماندارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشتا گۇماندار كەنت پارتكوم سېكرېتارى بىلەن كەنت باشلىقىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزى ياردەمچى ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە ۋەقە سادىر بولغان ئورۇن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، ۋەقە پەيدا قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مارالبېشىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا ئۆي تەكشۈرۈش تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ۋە جىددىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل جىددىي كەيپىيات بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان.