ئۆزبېكىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمىنىڭ يەنە ئىجرا قىلىنغانلىقى مەلۇم


بۇ يىللىق پاختا يېغىش مەزگىلدە ئۆزبېكىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تۈزۈمىنىڭ يەنە ئىجرا قىلىنغانلىقى مەلۇم.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پارچە تەپسىلىي خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىلقى پاختا تېرىش مەزگىلىدە ئۆزبېكىستاندىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئوخشاشلا پاختا تېرىشقا ھەيدەلگەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، دوختۇر - سېسترالار، جۈملىدىن ھەر ساھە كىشىلىرى بار ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن دوختۇر تامارا خۇدايىتىۋا ئۆزىنىڭ ھەر يىلى كۈز مەزگىلىدە بىر نەچچە ھەپتە پاختا تېرىشكە ھەيدىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا كۆپ ھەق بېرەلمەيدىغانلىقى، ھەتتا بەزىدە ھېچنېمە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ھەتتا 7 ياشلىق مەكتەپ بالىلىرىمۇ پاختا تېرىشقا ھەيدەلگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېك ھۆكۈمىتى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا كۆپ مەبلەغ سالمىغان.