ئۆتكەن ھەپتە قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.
«تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى كېچىسى ئوش شەھىرىدىكى قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن. ئوق ئاۋازى كېچىچە داۋاملىشىپ، ئوش شەھەر ئاھالىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان.
ئىگىلىنىشىچە، توقۇنۇش 18 ياشتىن 23 ياش ئارىلىقىدىكى قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا ئۆلگەن ياكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
ئوش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا كاپاروف «تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوشتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، سودا-تىجارەتچىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوش شەھىرى قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك ئاھالىلىرى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان شەھەر بولۇپ، 2010-يىلى يازدا بۇ يەردە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «ئوش پاجىئەسى» يۈز بەرگەن. ئاشۇ قېتىملىق ئۆزبېك-قىرغىز توقۇنۇشىدا مىڭلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ، ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.