ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى دادىسىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى

مېڭىسىگە قان چۈشۈش بىلەن يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى لولا كەرىموۋا چارشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دادىسىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ سالامەتلىك تىلەكلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە دادىسىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن.

كەرىموف دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەزىدە ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى، بەزىدە سەكراتتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىلىپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن تېخى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى، نۆۋەتتىكى ھالىتى ئاخبارات دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان 78 ياشلىق كەرىموفنىڭ ئۆزبېكىستاننى 25 يىلدىن بۇيان تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

كەرىموفنىڭ كارىۋاتتىكى ھالىتى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتتى. فېيسبوكتا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە كانادا ۋەتەندىشى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كەرىموف ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئەسلەشتى.