29 ياشلىق ئۆزبېك ياش سەيفۇللا سەئىپوف 31-ئۆكتەبىر كۈنى نيۇيوركتا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ 8 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى يەنە بىر قېتىم مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان دىنىي ئاشقۇنلۇق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.
باش شتابى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» 1-نويابىر كۈنى «نېمە ئۈچۈن ئۆزبەكلەر شۇنچە كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا چېتىلىپ قالىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدا 2017-يىلى كىرگەن كېچىسى ئىستانبۇلدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ باشلىرىدا سانكت-پېتېربورگدىكى مېتروغا بومبا قويغۇچىنىڭ، ئۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ستوكھولم شەھەر مەركىزىدە يۈك ماشىنىسى بىلەن 4 ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئۆزبېك كىملىكىگە باغلىنىدىغانلىقى ساناپ ئۆتۈلگەن.
گەرچە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن 4 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ئۆزبېك بولۇشى 30 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە ئۆزبېك خەلقىنى تېررورلۇق بىلەن باغلىيالمىسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، ئىلگىرى رۇس كوممۇنىزمىنىڭ 70 يىللىق دىنسىزلاشتۇرۇش ئاسارىتىدە تۇرۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كەسكىن ئۆزگىرىشلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن 4 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزبەكلەرگە باغلىنىدۇ؟
مەلۇمكى، ئۆزبەكلەر سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە پۈتكۈل ئىتتىپاق تەۋەسىدە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقى، مائارىپى، ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىنى ساقلاشتا ئەڭ كۆپ تىركەشكەن خەلقلەرنىڭ بىرى. ھالبۇكى، 1991-يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ بېكىك، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئىقتىسادىي كاساتلاشقان، ئاۋام خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشى تەقىبلەنگەن مۇستەبىت بىر دۆلەتكە ئايلانغان.
ئىلگىرىكى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىقىدىن مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتىغا ئايلانغان ئىسلام كەرىموف، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندا ئاستا-ئاستا كۈچىيىۋاتقان دىنىي كەيپىياتنى قاتتىق باستۇرۇشقا باشلىغان. ئۇ، ئۆز ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئىسلامى گۇرۇپپىلار ۋە دىنىي قاتلامدىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «دىنىي رادىكال»، «ئاشقۇن ئۇنسۇر»، «تېررورچى»، «ۋاھابى» ۋە «ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن مىڭلىغان ئۆزبېك ياشلىرىنى قامىغان. مىڭلىغان ئۆزبېك ياشلىرى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ۋەتىنىدە ئەركىن ياشىيالماي چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېقىپ بېرىپ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلانغان ئۆزبېك ياشلىرى ئارىسىدا دىنىي كەيپىيات بارغانسېرى كۈچەيگەن.
بۇنىڭ بىلەن مۇستەقىللىقتىن كېيىن يېتىشىپ چىققان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆزبېك ياشلىرىدا ئۆز ۋەتىنىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى چەكلەشتە ئىسلام روھى ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىگە تايىنىش ئىدىيىسى شەكىللەنگەن.
«ئازادلىق رادىيوسى» ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئىسلامى ئەقىدە ۋە سىياسىي كۈچنى ئوز دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.