خىتاي خەلقىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتىگە تۇتقان سۈكۈت پوزىتسىيىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەندە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي خەلقىنىڭ نۆۋەتتە تىبەتلەردە داۋام قىلىۋاتقان ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىگە سۈكۈت پوزىتسىيىسىنى تۇتۇشى تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن بىرى، ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشنىڭ، باشقىلارغا زىيان-زەخمىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تىنچلىق شەكلىدىكى قارشىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ھەرىكەتكە ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال دەپ تەنقىدلەنگەن.

يىغىندا يەنە، ئەگەر خىتاي خەلقى بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن بىر مەيداندا بولۇپ كەلسە، ئۇ چاغدا تىبەتلەردىكى تىنچلىق شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ قارشىلىقنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق شەكلىگە ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن ئىلھام مەخمۇت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مارالبېشى ۋەقەسىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.