«خىتاي خەۋەر تورى» دا بۈگۈن خەۋەر خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانا خادىمى مەسىلە تاپشۇرۇشتا ئۈلگە ياراتقان.
خەۋەردە بۇ خادىمنىڭ دەسلەپتە پارا ئېلىش ۋە ئۇنى سىڭدۈرۈش جەريانىدا قانداق پسىخىك ھالەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى مەسىلە تاپشۇرۇش-ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەندىن كېيىن بىر چىقىش يولى تاپقاندەك بولۇپ، ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۆتكەن ھەپتە ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلە تاپشۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەرلەر رايوندا دۆلەت كادىرلىرى ئارىسىدا مەسىلە تاپشۇرۇش دولقۇنىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا مەملىكەت بويىچە قوزغالغان دولقۇن خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر گەرچە پارىخورلۇققا ياكى قارا جەمئىيەتكە قارشى قوزغالغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە بۇنىڭ سىياسىي تۈس ئالىدىغانلىقى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئىككى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئىسىمنىڭ باش بوغۇملىرىدىن مەسىلە تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر رايونىدا 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى يېزا ئاھالىلىرى ئارىسىدا مەسىلە تاپشۇرۇش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، ئاھالىلەر شۇ دولقۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ 10 ۋە 15 يىل بۇرۇنقى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى. مۇشۇ ھەپتە رادىيومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ 10 يىل بۇرۇن بىر دىنىي تەبلىغگە قاتناشقانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن 8 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا كادىرلار ئارىسىدا قوزغالغان ئۆزىنى مەلۇم قىلىش دولقۇنىنىڭ يەنە قانچىلىغان ئائىلىلەرگە سورۇقچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.