پاكىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئۆكتىچى ناۋاز شېرىپنىڭ مۇسۇلمانلار بىرلىكى پارتىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، شېرىپنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت پاكىستاننى ئىدارە قىلىشىدىن بىشارەت بېرىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى سايلام يەنىلا داۋاملاشقان بولۇپ، لېكىن دەسلەپكى نەتىجىلەر شېرىپنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن بىشارەت بەرگەن.
تەھلىل قىلىنىشىچە، مەرھۇم بىنازار بۇتتونىڭ پارتىيىسى سايلامدا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
سايلام باشلىنىش ھارپىسىدا ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تالىبانلار سايلامغا تەھدىت سالغان.