پاكىستان بىلەن ئافغانىستان خىتاي بىلەن «تېررورلۇققا» قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پاكىستان، ئافغانىستان، خىتاي ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى پاكىستاندا «3 تەرەپ دىئالوگى» مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «تېررورلۇق» نىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ئالامەتلىرىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا بۇ 3 دۆلەت ھەرقانداق بىر «تېررورلۇق» تەشكىلاتى، ئېلېمېنتى ياكى شەخسنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا باشقا بىرىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەمكارلىق ۋەدىسى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى ئىسلام-ئاباتتا ئۆتكۈزۈلگەن «3 تەرەپ دىئالوگى» نىڭ ئاخبارات يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

3‏-نۆۋەتلىك پاكىستان، ئافغانىستان ۋە خىتاي «3 تەرەپ دىئالوگى» بۇ قېتىم پاكىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

پاكىستاننىڭ «خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىددىن رابانى ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى ئافغانىستان، تىنچلىق سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭ قايتا-يارىشىشىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى» نى قوللايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۈچ تەرەپنىڭ كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 2‏-نۆۋەتلىك «3 تەرەپ دىئالوگى» دا ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق قارارلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچى ھەم ياردەم قىلغۇچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «رادىكاللىق» نى تۈگىتىش نامىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا قىستاۋاتقان مەزگىلدە خىتايغا بۇ ۋەدىلەرنى بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ «ھاممىسى» دەپ كېلىۋاتقان پاكىستاندەك ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.