پاكىستان مەتبۇئاتلىرى پاكىستاننىڭ «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» دىن زور مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

پاكىستان مەتبۇئاتلىرى پاكىستاننىڭ تۆۋەنلەۋاتقان ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاكىستاننى تېپىلماس پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستاندا چىقىدىغان «تېز خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، خىتاينىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاننىڭ يېقىندا خىتاي ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئەركىن سودا رايونىدىن غايەت زور مەنپەئەت ئالىدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» بۇنىڭدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پاكىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ھەر يىلى 12 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغالايدىكەن. چۈنكى بۇ يولنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى»غا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خىتاي بازىرىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئۇلاشقىلى، بۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن يېقىن ئىتتىپاقداش بولغان ھالدا پاكىستان ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرگىلى بولدىكەن.

پاكىستاننىڭ ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىي پۇرسەت ئىزدەۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەنە شۇ تەرىقىدە پاكىستاننى نۇرغۇن ئىقتىسادىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچى بارلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شۇڭا ، پاكىستاننىڭ «شىنجاڭ» ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىنى دەرھال باشلىشى كېرەكلىكىنى، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نىڭ بۇنىڭدىكى مۇھىم مۇنبەر ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھال خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «ھەسەلدىنمۇ شېرىن، ھىمالايا تېغىدىنمۇ بۈيۈك» دەپ تەسۋىرلىنىدىغان يېقىنلىقنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.